مايكروسوفت 微软雅黑 گە ئۇيغۇرچە...
|
 
- يازما:
- 4262
- نادىر:
- 11
- جۇغلانما:
- 12354
- تىزىملىغان ۋاقىت:
- 2007-يىل 1-ئاينىڭ 20-كۈنى
|
مايكروسوفت 微软雅黑 گە ئۇيغۇرچە...
مايكروسوفت 微软雅黑 گە ئۇيغۇرچە قوشۇۋاتىدۇ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، كۆپچىلىك،
بۈگۈن ئىگەللىگەن خەۋىرىمدە، مايكروسوفت شىركىتى 微软雅黑 فونتى ئىچىگە ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنى قوشۇپ ياساۋاتقانمىش... مايكروسوفتتىكى بىر ئەربابتىن بىۋاستە بۇ خەۋەرگە ئىگە بولدۇم.
دىمەك، ئەمدى ھەر ھالدا، ئۇيغۇرچە فونت غېمىمىز يەنە بىر دەرىجە يېنىكلەيدىغان بولدى.
بۇرۇن ئۇيغۇرچە فونت ياسىغان ۋە ياسايدىغانلارنىڭ ھەممىسىگە، Microsoft Yahei پاسونىدا ئۇيغۇرچە فونت ياسايلى دەپ، مەقسىدىمنى بىلدۈرۈپ بولالمىغان ئىدىم. بۇ مەقسىدىمنى ئاخىرى Microsoft چۈشىنىپتۇ.
ئۆتكەندە مەن توختىماي، Microsoft Uighur فونتى ھەققىدە Microsoft قا قاقشىغان. ھەر ھالدا، گەپ قىلىپ تۇرساق، گەپ قىلمىغاندىن ياخشى بولىدىكەن. پىكرىمىزنى ھامان قوبۇل قىلىدىغانلار چىقىدىكەن.
بۇ فونت پۈتكەندە، كۆپچىلىك بىرلىكتە سىناپ، پىكىر-تەكلىپ بېرەرسىلەر.  |
|
|
|
|
|
|
|
|
 
- يازما:
- 226
- نادىر:
- 0
- جۇغلانما:
- 1173
- ئورنى
- شىنجاڭ ئۇيغۇر ئا ...
- تىزىملىغان ۋاقىت:
- 2005-يىل 3-ئاينىڭ 21-كۈنى
|
خۇشخەۋەركەن ، كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىڭىزغا ئاللا ئەجرىڭىزنى بەرگەي  |
|
|
سورۇن مانا! كونۇپكا ئالدىمىزدا،گەپ بىزدە...
|
|
|
|
|
|
 
- يازما:
- 2671
- نادىر:
- 4
- جۇغلانما:
- 5790
- تىزىملىغان ۋاقىت:
- 2005-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنى
|
بۇ بۈركۈت ئەپەندىم يەتكۈزگەن ياغدەك خەۋەرلەرنىڭ تۇنجىسى ئەمەس،
مىكروسوفت msn نىڭ ئۇيغۇرچىسىنى چىقارماقچى.... بولغان خەۋەرمۇ ئېسىمىزدە...
رەھمەت سىزگە ! بارغانسىرى خۇشاللىنارلىق ئىشلار چىقىۋاتىدۇ.
بۈركۈت ئەپەندىم... Microsoft دېگەن سۆز «مىكروسوفت» دەپ ئۆلچەملىشىپ كەتتى، ئۇنى تېلۋۇزۇردىمۇ شۇنداق دەيدۇ. |
|
|
|
|
|
|
|
|
 
- يازما:
- 4262
- نادىر:
- 11
- جۇغلانما:
- 12354
- تىزىملىغان ۋاقىت:
- 2007-يىل 1-ئاينىڭ 20-كۈنى
|
مەنغۇ ئۇلارغا بىۋاستە، «Microsoft Yahei گە ئۇيغۇرچە قوشۇش» تەكلىپ-پىكرىنى بەرمىگەن. ئۇلارغا دىگەن ئاساسلىق گېپىم 2 بولۇپ، ئۇلار:
- Microsoft Uighur فونتى كىچىك، باشقا فونت بىلەن ماسلاشمايدۇ
- ئېكران ئارا يۈز فونتى بولۇشقا ماس كەلمەيدۇ
بىر بولسا ئۇلار «بىلىك كۇلۇبى» نى كۆرۈپ تۇرغان، ياكى بولسا، «1 گە 1 نى قوشسا، دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە 2 بولىدۇ» دىگەن ھەقىقەتكە ئاساسەن، دىيارىمىزدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇرچە فونت غېمىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىن-بىر ياخشى چارىسى Microsoft Yahei نىڭ ئىچىگە شۇ پاسوندا ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنى قوشۇش ئىكەنلىكىنى ئۆزلىرىمۇ يۈكسەك كەسپ ئەھلى بولغاچقا، بىلىپ يەتكەن.
Microsoft Yahei گە ئۇيغۇرچە قوشۇلسا، بىزنىڭ ھەر قانداق شارائىتتا فونت غېمىمىز ناھايىتى كۆپ يېنىكلەپ قالىدۇ. |
|
|
|
|
|
|
|
|
 
- يازما:
- 1978
- نادىر:
- 5
- جۇغلانما:
- 9437
- تىزىملىغان ۋاقىت:
- 2005-يىل 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
|
ئوھوي، ماۋۇ راست بىر چوڭ خۇش خەۋەر ئىكەن! ئاللاھغا شۈكرى بىر نەچچە يىل قاقشىغاننىڭ ئانچە-مۇنچە ياق خېلى چوڭ پايدىسى بولۇپتۇ. ئۇيغۇرچە ھەرپلەرى قوشۇشتا ئۇلار بىزنىڭ مەسلىھەتلىرىمىزنى، ئىنكاسلىرىمىزنى قوبۇل قىلارمۇ؟ مەن مۇشۇ فونتتىكى ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنىڭ Segoe UI بىلەن Tahoma, Arial لاردىكىگە ئوخشاش crap cartoon فونت بولۇپ قالماسلىقىنى بەك ئۈمىد قىلىمەن.
بۈركۈت ئەپەندىمنىڭ بۇ جەھەتتىكى تىرىشچانلىقىغا ۋە ئەجىرىگە كۆپ-كۆپتىن رەھمەت!
ھېرىپ قالماي، داۋاملىق مۇشۇنداق ياخشى ئىشلارنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىغا تۈرتكە بولغايسىز!  |
|

|
|
|
|
|
|
  
- يازما:
- 839
- نادىر:
- 1
- جۇغلانما:
- 2885
- ئورنى
- قاراماي
- تىزىملىغان ۋاقىت:
- 2005-يىل 5-ئاينىڭ 6-كۈنى
|
«ئورۇندۇق» Eagle غا يوللانغان ئىنكاس
ئەسلى كومپىيۇتېرغا ئۇيغۇرچە تونۇتۇش خىزمىتىگە باش بولۇپ ئىشلەيدىغانلار ئۈرۈمچى خەلق مەيدانىدىكى ئېتى ئۇلۇغ، يۈزى نېپىز شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئىدى، شۇلار بىۋاستە مايكروسوفىتنىڭ دۆلىتىمىزدىكى تارماق شېركىتى بىلەن ئالاقىلەشسە ۋە مال بۇيرۇتسا مەمۇرى بۇيرۇق بىلەن دىيارىمىز تەۋەسىدىكى ئىدارىلەرنىڭ كومپىيۇتېرىدا قانۇنلۇق ئۇيغۇرچە فونت بار Windows ئىشلەتسە، بىردەمدە پۈتۈدىغان ئىشلار ئىدى بۇ . ئىدارىلەردە ئومۇملاشسا باشقىنى دېيىش ھاجەتسىز بولمىسا ئۇيغۇرچە خەتنىڭ نېنىنى ئەڭ يەۋاتقانلار شۇلار بولمىسا |
|
|
سۆيىمەن ئۇلۇغ ئاتا-ئانامنى!بىلىم كۈچ!
ئەتە ئۆلىسەن ئەمما ئۈمۈدۋار ياشا!
|
|
|
|
|
|
 
- يازما:
- 1978
- نادىر:
- 5
- جۇغلانما:
- 9437
- تىزىملىغان ۋاقىت:
- 2005-يىل 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
|
|
بىر ئىش ئېسىمگە كېلىپ قالدى. خەنچە Windows Vista/7 لارنىڭ كۆڭۈلدىكى UI فونتىغۇ Microsoft Yahei، ئەمما باشقا يېزىقتىكى جۈملىدىن ئىنگلىزچە نۇسخىسىدىكى Windows Vista/7 لەرنىڭ UI فونتى Segoe UI. قارىغاندا، كەلگۈسىدە ئۇيغۇرچىنى چىرايلىقراق كۆرسىتىش ئۈچۈن، ئىنگلىزچە نۇسخىسىنى ئىشلىتىۋاتقانلارمۇ UI فونتىنى Microsoft Yahei غا توغرىلاپ قويىدىغان ئوخشايمىزدە... |
|

|
|
|
|
|
|
 
- يازما:
- 4262
- نادىر:
- 11
- جۇغلانما:
- 12354
- تىزىملىغان ۋاقىت:
- 2007-يىل 1-ئاينىڭ 20-كۈنى
|
مەقسەت، crap cartoon بولسا، بۇنداق نەرسە ئۇلارنىڭ فونتىدا يەتكۈچە بار ئىدى. بۇ قېتىم راۋۇرۇس بىر فونت ياسايدۇ. بولمىسا بىزدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. 
بۇ قېتىم ئۇلار ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدۇ. ئىشلار شۇنداق قىلمىسىمۇ بولمايدىغان يېرىگە يەتكەن زادى.
دىمەك، جىم تۇرىۋالغاندىن، مىدىرلاپ تۇرساق، بىر ئىش بولىدىكەن. جىم تۇرۇپ قالساق، ھىچ ئىش بولمايدىكەن. شۇڭا كۆپچىلىك جىم تۇرىۋالماي، ئانچە-مۇنچە مىدىرلاپ تۇرايلى.  |
|
|
|
|
|
|
|
|

- يازما:
- 163
- نادىر:
- 0
- جۇغلانما:
- 972
- ئورنى
- قەشقەر
- تىزىملىغان ۋاقىت:
- 2008-يىل 12-ئاينىڭ 2-كۈنى
|
بالا يىغىلىمىسا،ئانا ئىمىزگە سالمايدۇ،(چاقچاق)
بۈركۈت ئاكىمىزنىڭ ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن قوشۇپ كېلىۋاتقان تۆھپىسىگە كۆپتىن-كۆپ تەشەككۈرلەر بولسۇن! ئۇلۇغ ئىگىمىز تىنىڭىزنى سالامەت قىلسۇن! |
|
|
ئېلېكتىر چەۋەنداز
|
|
|
|
|
|
 
- يازما:
- 789
- نادىر:
- 0
- جۇغلانما:
- 2700
- ئورنى
- شىنجاڭ ئۈرۈمچى
- تىزىملىغان ۋاقىت:
- 2006-يىل 3-ئاينىڭ 12-كۈنى
|
|
بۇ ئىش راست بولسا، ھەقىقەتەن خۇشخەۋەر ئىكەن. سېستىما كۆرۈنمە يۈزى ئۈچۈن مەخسۇس ياساۋېتىپتۇدە، ناۋادا تور بېكەتلەرگىمۇ ماس كېلىپ كەتسە، تېخىمۇ قالتىس ئىش بولاتتى. |
|
|
|
|
|
|
|